• شەخىسلەر ئىناۋەت دوكلاتى دىگەن نىمە؟
    什么是个人信用报告
    What is a personal credit report

    شەخىسلەر ئىناۋەت دوكلاتى دىگىنىمىز ئىناۋەت يېغقۇچى ئورۇنلار چىقارغان، سىزنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىڭىز يېزىلغان ھوججەت، يەنى سىزنىڭ ئىقتىسادى "كىملىك" ـىڭىز، ئۇ سىز بىلەن سودىلاشماقچى بولغان سودا ھەمرايىڭىزنىڭ سىزنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىڭىزنى ئىگەللىشىگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق سىزنىڭ سودىڭىزنىڭ پۇتۇشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
    ئادەتتە شەخىسلەر ئىناۋەت دوكلاتى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى سىزنىڭ كورىشىڭىز ئۇچۇن تەييارلىنىلىدۇ، ئۇنىڭدا ئىناۋەت يېغىش ئورۇنلىرى ئىگەللىگەن سىزنىڭ بارلىق ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىڭىز بولغان بولىدۇ. يەنە بىرى بانكا ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ كورۇشى ئۇچۇن تەييارلىنىلىدۇ. ئۇنىڭدا سىزنىڭ بارلىق ئىناۋەت سودا ئۇچۇرلىرىڭىز بولغان بولىدۇ. لېكىن ئادىل رىقابەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن بۇ دوكلاتتا سىزگە قەرز بەرگەن بانكا ياكى سىزگە نىسى مال ساتقان سودىگەرنىڭ نامى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى بولمايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىڭىزنى سۇرۇشتە قىلغان ئورۇن سىز بىلەن ئىلگىرى ئىناۋەت سودىسى قىلغان بولسا ئۇ ھالدا ئۇ پەقەت ئوزى قاتناشقان ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىدىلا ئاندىن يۇقارقى ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدۇ.

  • ئىناۋەت يېغىش دىگەن نىمە؟
    什么是征信?
    ئاددى قىلىپ ئىيتساق ئىناۋەت يېغىش - كەسىپلەشكەن، مۇستەقىل بولغان 3- تەرەپ سىزنىڭ ئىناۋەت ئۈچۈرلىرىڭىزنى قانۇن بويىچە توپلاپ، ئوبىكتىپ ھالدا سىزنىڭ ئىناۋەت ئارخىپىڭىزنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى قانۇن بويىچە باشقىلارغا تەمىنلەپ بېرىدىغان بىر خىل پائالىيەت. ئىناۋەت يېغىش پائالىيىتى سىزنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئىناۋەت قىلمىشىڭىزنى خاتىرلەيدۇ. سىزنىڭ ئىناۋەت قىلمىشىڭىز سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىقتىسادى قىلمىشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بانكىدىن قەرز ئالماقچى بولسىڭىز بانكا ئالدىن بىلەن ئىناۋەت يېغىش تارماقلىرىدىن سىزنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىڭىزنى سۇرۇشتە قىلىپ، سىزنىڭ قەرز ئېلىش ئىلتىماسىڭىزنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشتا پايدىلىنىدۇ.