-
كورلىدا ئۈچ ئاي سەرسان بولغاندىن كېيىن، ئاخىرى ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. خوتۇن ـ بالىلار بىلەن جەم بولۇشنىڭ ھەقىقەتەن ھوزۇرلۇق ئىكەنلىكىنى قايتىدىن ھېس قىلدىم. ئۇچ ئاي سىرتتا يۈرگەندىكىن بىر نەچچە كۇن دەم ئالاي دەپ ئىدارىدىن دەم ئېلىش ئېلىپ، ئۆيدە بالامنى باقتىم. بالام ئولىمپىك باشلانغان كۈنى يېشىغا توشاتتى. پۇتۇن جۇڭگو ھەرقاچان ـ ھەر زامان ماڭا "بالاڭ بىر ياشقا كىرگىلى X كۈن قالدى" دەپ ئەسكەرتىپ تۇراتتى. بالاممۇ ناھايىتى پاقلان چوڭ بولغان بولۇپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ مەستلىكىنى تارتقۇدەك ئوماق ھەم بودەك ئىدى. بالامنىڭ چۇچۇك تىللىرى چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، دەد ـ دە دەپ چاقىرغىنىدا تەنلىرىم يايراپ كېتەتتى. بالام مەمــمە،ھۇپـــپە، ئــــۇۋ يە دىگەندەك بىر قانچە سۆزلەر ئارقىلىق مەقسەتلىرىنى بىلدۇرەتتى، لېكىن بىرەر قېتىممۇ ئانىسىنى چاقىرىپ باقمىدى. بۇنىڭغا ئانىسىنىڭ خېلى قوساق كوپىگى بار ئىدى. بالام ھەقىقەتەن تېنىمسىز ئىدى، قۇچاققا ئالسا قىمىرلاپ كۆتۈرگەن ئادەمنى بىردەمدىلا ھاردۇرۇپ قوياتتى. يەردە قويۇپ قويساق ئۆمىلەپ جىم تۇرمايتتى. ئايىغى چىقاي دەپ قالغان بولۇپ، تام ياقىلاپ 7-8 مېتىر، تەمتىلەپ 2-3 قەدەم ماڭغۇدەك بولغان ئىدى. يەنە بىر ئىش شۇكى ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بالام تۇغۇلغاندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئاغرىپ باقمىغان، گەپنىڭ قىسقىسى ۋاكسىنا ئەملەشتىن باشقا بىرەر تال دورا يېمىگەن، بىر قېتىم ئوكۇل ئۇرۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇرۇق ـ تۇغقانلارمۇ بۇنىڭغا بەك ھەۋەس قىلاتتى. بىزمۇ بەزىدە ئۈزىمىز سەزمىگەن ھالدا ماختىنىپ سالاتتۇق.