•       يېقىندا مەلۇم ئىھتىياجلار سەۋەبىدىن PHP نى ئۈگىنىپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلدى. قاراپ باقسام PHP توغرىلىق ئانا تىلىمىزدىكى ماتىرىياللار يوق دىيەرلىك ئىكەن. شۇڭا بىر تەرەپتىن ئۇگەنگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ئۈگەنگەنلىرىم ئاساسىدا بلوگىمدا PHP دەرسلىكىنى سېستىمىلىق ھالدا ئانا تىلىمىزدا سېستىمىلىق، چۇشىنىشلىك قىلىپ سوزلەپ چىقىش نىيىتىگە كەلدىم. كەڭ تورداشلارنىڭ ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ، بىرلىكتە ئۈگىنىشىنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمەن.

  • شەخىسلەر ئىناۋەت دوكلاتى دىگەن نىمە؟
    什么是个人信用报告
    What is a personal credit report

    شەخىسلەر ئىناۋەت دوكلاتى دىگىنىمىز ئىناۋەت يېغقۇچى ئورۇنلار چىقارغان، سىزنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىڭىز يېزىلغان ھوججەت، يەنى سىزنىڭ ئىقتىسادى "كىملىك" ـىڭىز، ئۇ سىز بىلەن سودىلاشماقچى بولغان سودا ھەمرايىڭىزنىڭ سىزنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىڭىزنى ئىگەللىشىگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق سىزنىڭ سودىڭىزنىڭ پۇتۇشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
    ئادەتتە شەخىسلەر ئىناۋەت دوكلاتى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى سىزنىڭ كورىشىڭىز ئۇچۇن تەييارلىنىلىدۇ، ئۇنىڭدا ئىناۋەت يېغىش ئورۇنلىرى ئىگەللىگەن سىزنىڭ بارلىق ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىڭىز بولغان بولىدۇ. يەنە بىرى بانكا ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ كورۇشى ئۇچۇن تەييارلىنىلىدۇ. ئۇنىڭدا سىزنىڭ بارلىق ئىناۋەت سودا ئۇچۇرلىرىڭىز بولغان بولىدۇ. لېكىن ئادىل رىقابەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۇچۇن بۇ دوكلاتتا سىزگە قەرز بەرگەن بانكا ياكى سىزگە نىسى مال ساتقان سودىگەرنىڭ نامى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى بولمايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىڭىزنى سۇرۇشتە قىلغان ئورۇن سىز بىلەن ئىلگىرى ئىناۋەت سودىسى قىلغان بولسا ئۇ ھالدا ئۇ پەقەت ئوزى قاتناشقان ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىدىلا ئاندىن يۇقارقى ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدۇ.

  • ئىناۋەت يېغىش دىگەن نىمە؟
    什么是征信?
    ئاددى قىلىپ ئىيتساق ئىناۋەت يېغىش - كەسىپلەشكەن، مۇستەقىل بولغان 3- تەرەپ سىزنىڭ ئىناۋەت ئۈچۈرلىرىڭىزنى قانۇن بويىچە توپلاپ، ئوبىكتىپ ھالدا سىزنىڭ ئىناۋەت ئارخىپىڭىزنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى قانۇن بويىچە باشقىلارغا تەمىنلەپ بېرىدىغان بىر خىل پائالىيەت. ئىناۋەت يېغىش پائالىيىتى سىزنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئىناۋەت قىلمىشىڭىزنى خاتىرلەيدۇ. سىزنىڭ ئىناۋەت قىلمىشىڭىز سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىقتىسادى قىلمىشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بانكىدىن قەرز ئالماقچى بولسىڭىز بانكا ئالدىن بىلەن ئىناۋەت يېغىش تارماقلىرىدىن سىزنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىڭىزنى سۇرۇشتە قىلىپ، سىزنىڭ قەرز ئېلىش ئىلتىماسىڭىزنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلىشتا پايدىلىنىدۇ.
  •      كورلىدا ئۈچ ئاي سەرسان بولغاندىن كېيىن، ئاخىرى ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. خوتۇن ‏ـ بالىلار بىلەن جەم بولۇشنىڭ ھەقىقەتەن ھوزۇرلۇق ئىكەنلىكىنى قايتىدىن ھېس قىلدىم.  ئۇچ ئاي سىرتتا يۈرگەندىكىن بىر نەچچە كۇن دەم ئالاي دەپ ئىدارىدىن دەم ئېلىش ئېلىپ، ئۆيدە بالامنى باقتىم. بالام ئولىمپىك باشلانغان كۈنى يېشىغا توشاتتى. پۇتۇن جۇڭگو ھەرقاچان ـ ھەر زامان ماڭا "بالاڭ بىر ياشقا كىرگىلى X كۈن قالدى" دەپ ئەسكەرتىپ تۇراتتى. بالاممۇ ناھايىتى پاقلان چوڭ بولغان بولۇپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ مەستلىكىنى تارتقۇدەك ئوماق ھەم بودەك ئىدى. بالامنىڭ چۇچۇك تىللىرى چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، دەد ـ دە دەپ چاقىرغىنىدا تەنلىرىم يايراپ كېتەتتى. بالام مەمــمە،ھۇپـــپە، ئــــۇۋ يە دىگەندەك بىر قانچە سۆزلەر ئارقىلىق مەقسەتلىرىنى بىلدۇرەتتى، لېكىن بىرەر قېتىممۇ ئانىسىنى چاقىرىپ باقمىدى. بۇنىڭغا ئانىسىنىڭ خېلى قوساق كوپىگى بار ئىدى. بالام ھەقىقەتەن تېنىمسىز ئىدى، قۇچاققا ئالسا قىمىرلاپ كۆتۈرگەن ئادەمنى بىردەمدىلا ھاردۇرۇپ قوياتتى. يەردە قويۇپ قويساق ئۆمىلەپ جىم تۇرمايتتى. ئايىغى چىقاي دەپ قالغان بولۇپ، تام ياقىلاپ 7-8 مېتىر، تەمتىلەپ 2-3 قەدەم ماڭغۇدەك بولغان ئىدى. يەنە بىر ئىش شۇكى ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بالام تۇغۇلغاندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئاغرىپ باقمىغان، گەپنىڭ قىسقىسى ۋاكسىنا ئەملەشتىن باشقا بىرەر تال دورا يېمىگەن، بىر قېتىم ئوكۇل ئۇرۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇرۇق ـ تۇغقانلارمۇ بۇنىڭغا بەك ھەۋەس قىلاتتى. بىزمۇ بەزىدە ئۈزىمىز سەزمىگەن ھالدا ماختىنىپ سالاتتۇق.
  • كورلا! سىنى قانداق سۇپەتلەي؟

  • 1.6.2  PHP نى قاچىلاش ۋە تەڭشەش

           Apache نى ئوڭۇشلۇق قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن قىلىدىغان ئىش PHP نى قاچىلاش ۋە تەڭشەش ئىبارەت.گەرچە Apahce ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۇك تور مۇلازىمىتىرى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تور پروگرامما تېىللىرىنى قوللايدۇ. بۇ قوللايدۇ دىگەنلىك بىۋاستە ئىجرا قىلالايدۇ دىگەنلىك ئەمەس. Apahce نى PHP نى قوللايدىغان قىلىش ئۇچۇن چوقۇم PHP  نى قاچىلىشىمىز ھەم ئۇنى Apahce بىلەن ئۇلىشىمىز كىرەك.

          PHP  مۇ Apache قا ئوخشاش كودى ئوچۇق ھەم ھەقسىز دىتال.

  • بلوگباس blogbus تىكى بلوگنى يامان ئەمەس دەرىجىدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولدۇق. مەن بۇ يەردە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا كۇچ چىقارغان ئارامگاھ بلوگى قاتارلىق مىھنەتكەشلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن.
    ئەمدىكى مەسىلە داۋاملىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن بلوگ يۇزىنى كۆركەملەشتۇرۇشتە قالدى. توۋەندە كۆوركەملەشتۇرۇش ئىشىدىن بىرى بولغان يازما مەزمۇنىنى تەكشى قۇر كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى:
    قىلىدىغان ئىشىمىز CSS نى ئوزگەرتىش.
  • ئالدىنقى دەرسلەردە سوزلەپ ئوتكىنىمىزدەك  Apache+PHP+MySQL نىڭ ئىجرا مۇھىتى Apache تور مۇلازىمىتىرى، PHP ئىجراچىسى ۋە MySQL ساندان سېستىمىسى قاتارلىق ئۇچ قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ. ئىجرا مۇھىتىنى قۇرۇش دىگىنىمىز ئاشۇ ئۇچ خىل يۇمشاق دىتالنى ئوز كومپىيوتورىمىزغا قاچىلاپ ۋە تەڭشەپ نورمال ئىشلەيدىغان ھالەتكە ئەكىلىش نى كورسىتىدۇ.
     بۇ يەردىكى مەقسەت ئۈگىنىش، ھەرگىزمۇ تور مۇلازىمىتىرى قۇرۇش ئەمەس. شۇڭا بۇ دەرس تە سوزلىنىلىدىغان مۇھىت نى قۇرۇش ئادەتتىكى PC كومپىيوتىرىدا Windos XP مەشغۇلات سۇپىىسدا Apache+PHP+MySQL نىڭ ئىجرا مۇھىتى قۇرۇشنى كورسىتىدۇ.

  • Apache+PHP+MySQL ئىجرا مۇھىتىنى تەييارلاشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئۇنى چۇشىنىش كىرەك. ئاۋال توۋەندىكى سېخىمىنى قايتا-قايتا كۈزىتىڭ، ئوزىڭىز چۇشىنىپ بېقىڭ ! ئاندىن ئۇنىڭ چۇشەندۇرلىشىنى ئوقۇڭ ھەم ئوز چۇشەنچىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇڭ!

  •       شۇنداق قىلىپ بلوگىر بولغىنىمغا ئىككى ئاي بولاي دەپ قاپتۇ. بلوگ يېزىشنىڭ ، بلوگىر  Blogger  بولۇشنىڭ ھەقىقەتەن جاپالىق "ئۇزۇن سەپەر" ئىكەنلىگىنى بارغانسىرى ھىس قىلىۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ بلوگ يېزىشنى، بلوگىرلىق ھاياتىمنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرغۇم بار (ئاللا خالىسا!).
    بولدى، قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ نەق گەپنى قىلاي!

          ئۇزۇن دىن بىرى  بلوگباس BlogBus تىكى بلوگ ئۇلانما  ئىقتىدارىدىن تازا مەمنۇن بولمىغاچقا ، باشقا بلوگىر Blogger نىڭ (بلوگ ئىگىسى، بلوگ يازغۇچىسى)  نىڭ ئۇلىنىش قىلىش تەكلىۋىنى ئورۇندىيالماي كەلگەن ئىدىم. لېكىن تا ھازىرغا قەدەر تېخىمۇ ياخشىراق ئۇسۇل تاپالمىغاچقا  "ئات تاپقىچە ئىشەك مىن" دىگەندەك يەنىلا شۇنى ئىشلىتىپ تۇردۇم. ئەمدى بلوگ ئۇلىنىشى پات-پات تەڭشىلىپ تۇرۇلىدۇ.

          ئەگەر ئۈگىنىش بلوگى سىزگە يارىسا، ئۇلىنىش قالدۇرۇشنى ماقۇل كورسىڭىز مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ!

  • بەزىلەر PHP نى Apache ۋە MySQL دىن ئايرىلىپ قالسا جەلىپكارلىقىنىڭ يېرىمىنى يوقىتىپ قويىدۇ دىيىشىدۇ. دىمىسىمۇ PHP تور مۇلازىمىتىر ۋە ساندان نىڭ قوللىشى بولمىسا ھىچقانداق ئەۋزەللىكى بولماي قالىدۇ. Apache+PHP+MySQL   نى ئالتۇندەك بىېرىكىش دىيىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇ يەردە. بۇ ئۇچەيلەن ئىنتايىن ئوڭايلا بىرلىشەلەيدۇ، ھەم بىرلەشكەندىن كېيىن ئىشلىتىش ئاسان، ئىقتىدارى كۇچلۇك بولغان بىر پۇتۇن گەۋدىگە ئايلىنىلىدۇ. توۋەندە بۇ ئۇچەيلەن بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.